ئىسىم-فامىلەم: ئادىلجان ئابدۇرېھىم (نىدا)
خىزمەت ئورنۇم:ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەپ
كەسپىم:ئوقۇتقۇچى
تونۇشتۇرۇلۇشۇم:
كىچىكىمدىن ھورۇنراق چوڭ بولغاچقا، تەنھەرىكەت بىلەن خۇشۇم يوق، شۇڭلاشقا بەدىنىم ئاجىز، تېنىم پاكار ھەم پور سېمىز. 10 نەچچە يىل كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا كۆپ ئولتۇرغانلىقتىن، كۆزەينەك تاقايمەن، يولدا تونۇش-بىلىشلەر ئۇچراپ قالسا، كۆرمەي سالاملاشماي ئۆتۈپ كېتىپ قالسام، مەندىن ئانچە رەنجىپ كەتمەڭ، كۆڭلۈمدە سىزدىن قەستەن قېچىش نىيىتىم يوق.
قىزىقىشىم:
ناخشا-مۇزىكىغا ھېرىسمەن، ئەمما پۇل خەجلەپ كېچىلىك-ئويۇنلارغا بارغۇم يوق. كومپيۇتېردا ئانچە-مۇنچە كود يېزىپ قويىمەن، ئەمما تازا ياخشى يازالمايمەن، بولمىسا مەيكروسوفتقا ياكى ئۇيغۇرسوفتقا خىزمەتچىلىككە تەكلىپ قىلىنغان بولاتتىم، ھېلىمۇ شۈكرى، ئەلسوفتتا بولسىمۇ بىر كىشىلىك ئورنۇم بار.
ئەسكەرتىش:
1-سىز ئەۋەتكەن ئېلخەتكە ۋاقتىدا جاۋاپ قايتۇرۇشقا تىرىشىمەن، ئەمما مەن ئىشلەتكەن ئېلخەت ساندۇقىنىڭ ئەخلەت ئېلخەتلەرنى سۈزۈش ئىقتىدارى بار بولغاچقا، سىز ئەۋەتكەن ئېلخەتلەرنى تاپشۇرۇپ ئالالماسلىقىممۇ مۇمكىن، شۇڭا ئېلخەت ئەۋەتكەندە بىر پارچە خەتنى ئىككى-ئۈچ قېتىم ئەۋەتەرسىز.
2-پىنگىۋىنىم ئوچۇق تۇرسىمۇ سىزگە جاۋاپ قايتۇرالماسلىقىم مۇمكىن، چۈنكى خىزمىتىم ئالدىراشراق، شۇڭا زۆرۈر بولمىسا ئېلخەت ئارقىلىق ئالاقىلىشىڭ.
باش بەت
مەن كىم

بەت ئۈستى